بىر تامچە بلوگىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!

بىر تامچە بلوگىنىڭ زەمزەم كەبىي سۈيىدىن بىر تامچە ئوتلىۋېلىڭ!

  • بىلىشىمچە بىزنىڭ كومپيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىللىرىنى بىلىشىمىز DOS مەشغۇلات سىستېمىسىدىن باشلانغانغۇ دەيمەن،ئاندىن Windows نىڭ كۆزنەكلىك مەشغۇلات سىتېمىسى بىىلەن ئۇچراشتۇق، يېقىنقى ئۈچ -تۆت يىل مابەينىدە XP,Vista,Win7 دىگەندەك مەشغۇلات سىستېمىللىرىنى ئىشلىتىپ ئۆتتۇق،ئارلىقتا غەيرەتلىك ياشلىرىمىز ئۆزلىكىدىن ئۇيۇشۇپ Xpنى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى، ئەمدىلا كومپيۇتېر چۈشەنچىسى شەكىللىنىۋاتقان، ئۇيغۇرتىلىدىن باشقا تىللارنى دىگەندەك بىلىپ كىتەلمىگەن نۇرغۇن كىشىللىرىمىز بۇلارنىڭ تارقاتقان سىستېمىسىدىن ئۆزىگە لايىق مەنپەئەتكە ئىرىشتى، يەنە ئوچۇق كودلۇق بولۇۋاتقان Ubuntu مەشغۇلات سىستېمىسىمۇ بىر قىسىملىرىمىزنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، ئىشلىتىپ باققانلار تەۋىسيە قىلىشتى، يەنە بىر قىسىم ئوت يۈرەكلەر بۇنى تەرجىمە قىلىشقا ئاتلاندى،

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداشلار!

    مېنى ئۇزۇندىن بېرى بىزار قىلىۋاتقان بىر مەسىلە ئۇشبۇ يازمىنى يېزىشقا سەۋەب بولدى. ئۇ بولسىمۇ بىزدە نېمە ئۈچۈن بىردەكلىك، بىرلىكلىك يوقتۇ؟ بىزدە ھازىر مائۇس تۇتالايدىغانلىقى ئادەم تورغا چىقىپ  QQ دا پاراڭلىشىدىغانلار ئىنتايىن كۆپ. ئەمما، ئۇلار مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، بەزىلىرى خەنزۇ تىلىنى، بەزىلىرى ئىنگىلىز تىلنى، يەنە بەزىلىرى قېلىپسىز، ئۆلچەمسىز ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى ئىشلىتىپ ، بىر-بىرى بىلەن ئالاقە قىلىۋاتىدۇ. ھەمىمىزگە ئايان، كومپيۇتېردىكى نۇرغۇن پروگراممىغا ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى كىرگۈزگىلى بولمايدۇ. مىسالەن ئېلىپ ئېيتساق، ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان، بىز ئايرىلالمايدىغان مۇشۇ QQ ئالاقە قۇرالى ئۇنىڭ تىپىڭ مىسالى. بىز قانداق قىلدۇق، شۇ چالا-پۇلا ئۆگىنىۋالغان يېڭى يېزىق ياكى بولمىسا پىنيىن بويىچە خەت ئالاقە قىلىپ كەلدۇق. لېكىن بىرسىمىز يازغاننى يەنە بىرسىمى ئوقۇيالمايدىغان، ياكى بولمىسا باشقىچە ئوقۇۋالىدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىپ، ئالاقىمىزگە نۇرغۇنلىغان قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئويلىشىپ، بۇنداق ئەھۋاللارغا خاتىمە بېرىش مەقسىتىدە، تىل-يېزىق كومىتېتى «ئۇيغۇر يېزىقى ھەرىپىنىڭ لاتىن يېزىقى بويىچە ئىپادلەش  لايىھىسىنى» ئوتتۇرىغا قويغان بولدى. لېكىن تەشۋىقاتنىك يېتەرسىز بولۇشى، ياكى بولمىسا بىرنىڭ بىپەرۋالىقىمىز سەۋەبىدىنمۇ ، بۇ مەسىلە ھازىرغىچە مەۋجۇت بۇلۇپ كەلمەكتە.

     شۇ ۋەجىدىن كەڭ تورداشلارغا مۇشۇ لايىھىنى تەۋسىيە قىلىمەن. قىزىقسىڭىز داۋامىغا قۇلاق سېلىڭ! 

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداشلار!

    ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك، ھەممە ئىشنىڭ سەۋەب - نەتىجىسى، ئوڭ - تەتۈرى، ياخشى – يامىنى بولىدۇ. مانا مۇشۇ «بىر تامچە» بلوگىنى قۇرۇشتىمۇ، ماڭا مەلۇم سەۋەبلەر تۈرتكە بولغان.

    ئويلاپ باقسام، كومپيۇتېر (يەنى كومپيۇتېر پروگراممىچىلىقى) بىلەن ھەپىلەشكىلى خېلى ئۇزۇم بىر مەزگىل بولۇپتۇ. كومپيۇتېردا پروگرامما تۈزۈشنى ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىي ئىشلىتىش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەن ۋاقىتتا كىتابلارغا ۋە تورغا ھاۋالە قىلىشقا تۇغرا كىلىدۇ. ھازىر مەيلى تور ياكى كىتاب بولسۇن، پروگرامما تۈزۈشكە دائىر ئۇيغۇرچە ماتېرىياللار ئىنتايىن ئاز، ھەتتا يوق دىيەرلىك، لېكىن ئېنگلىزچە، خەنزۇ ۋە باشقا تىلدىكى ماتېرىياللار ئىنتايىن كۆپ. ئەگەر مەن ئېنگلىزچە ياكى خەنزۇچە بىلسەم ئۇچىرىغان مەسىلىلەرنى ئوڭايلام توردىن ۋە كىتابلاردىن تاپالايمەن. بۇ تىللارنى بىلمىسەم ۋە سەۋىيەم چەكلىك بولۇپ قالسىچۇ؟

    ...


  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى. 

  • بەلكىم نۇرغۇن تورداشلار دۇنيا ئۇيغۇر ئاكادېمىسىنىڭ بارلىقىنىمۇ بىلمەسلىكى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىلمىگەنلەر بىلىۋالسۇن دەپ مۇشۇ يازمىنى يوللاپ قويدۇم.

     ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ ئىشلىرىغا كۆز-قۇلاق بولۇپ قۇيىلى.

    ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى 2-قېتىملىق ئۇيغۇر پەن – مائارىپى بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلبىلىك ئېچىلدى

    2010-يىلى 8-ئاينىڭ  28- چىسلا شەنبە  كۈنى سائەت 17:30 – 09:15 ئارىلىقىدا ئىستانبۇل تاكسىم ئىستىقلال كوچىسى شاھ قۇلى بوستانى تارماق كۇچىسى 8-نۇمۇردىكى تارىخ زەپەر تۇنايا مەدەنىيەت مەركىزى يىغىن زالىدا  ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى 2-قېتىملىق «ئۇيغۇر پەن-مائارىپى بۇگۈنى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى» تىمىلىق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ئېچىلدى

     

بلوگىمغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن! يوقاپ كەتمەي پات-پات كىلىپ تۇرۇڭ.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
بلوگىر: مامۇتجان ئەركىن QQ:360489149